باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەرلەرنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ھالقىما نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى

2015.01.21 08:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 18-يانۋار تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18-يانۋار چوڭ، ئوتتۇرا 70 شەھەرنىڭ بۇلتۇر 12-ئايلىق تۇرالغۇ ئۆينى سېتىش باھاسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، ھالقىما نىسبەت باھاسىدىن قارىغاندا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەرلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەن، يېڭىدىن سالغان تاۋار ئۆي باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە ھالقىما ئېشىش نىسبىتى ٪0.1 ۋە ئىككىنچى قول تۇرالغۇ ئۆي باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە ھالقىما ئېشىش نىسبىتى ٪0.4 بولغان، لېكىن 2-، 3- ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي باھاسى يەنىلا چۈشكەن، چۈشۈش نىسبىتى ئاستا-ئاستا كىچىكلىگەن.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ستاتىستىكىچى ليۇ جيەنۋېي 12-ئايلىق ئۆي باھاسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى مەزگىلدىكى كرېدىت سىياسىتىنى تەڭشەش، مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، يىل ئاخىرىدا سودىگەرلەرنىڭ ئىسكىلاتتا ساقلانغان ماللارنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن چوڭ، ئوتتۇرا 70 شەھەرنىڭ بۇلتۇر 12-ئايلىق يېڭىدىن سالغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆينى سېتىش ھالقىما نىسبىتى ٪9 ئۆسۈپ، 2014-يىلى يەنە يېڭى رېكورت ياراتتى، ئۆي باھاسىنىڭ ھالقىما چۈشۈش نىسبىتى داۋاملىق كىچىكلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر