باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2015.01.23 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى 20-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى سىياسىي قانۇن كادىر ساقچىلىرى ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى توسالغۇسىز، يىراقنى كۆرەرلىك بولۇپ،سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. سىياسىي قانۇن ئورگىنىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئېنىق كونكرېت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەيىبلەش كوللىگىيىسىنىڭ باشلىقى چېن گوچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەپتىش سىستېمىسىنىڭ رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئەيىبلەش خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جىنايەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ۋە ئەرزىيەتنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ئەدلىيە ئادىللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەيىبلەش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شىزاڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ 1-سېپىدە تۇرماقتا. ئەھۋال مۇرەككەپ، ۋەزىيەت كەسكىن. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مافاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئەدلىيە كېسىمى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قويۇلغان تەلەپ ۋە ئۆلچەم. شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ سوت مەھكىمىسى سىستېمىسى ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا قوش تىلدا سوتلاش ئىختىساسلىق خادىملار يېتىشمەسلىك، ھۆكۈم ھۆججەت سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، سوت مەھكىمىسى كادىر ساقچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىدۇ.

  باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئاساسىي قاتلاملاردىكى سىياسىي قانۇن كادىرلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. جياڭشى ئۆلكىسى جىڭدېجېن شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يوڭماۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەدلىيەنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قانۇنچىلىقنىڭ نوپۇزىنى تىرىشىپ قوغداش تەپتىش ئورگىنىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى. قانۇننى قاتتىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. بولۇپمۇ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە قوشۇننى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تەپتىش ھوقۇقىنى تۈزۈم قەپىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىشنى قانۇن بويىچە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئادىل پاك ئىجرا قىلىپ، ئەدلىيەنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچى ۋە رازىلىقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر