باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىككى ھەپتىلىك سىياسىي كېڭەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.01.23 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئىككى ھەپتىلىك سىياسىي كېڭەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مېيىپلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ كېڭەشتى، دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئەقىل كۆرسەتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. بەزى ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: مېيىپلار ئىشلىرىدا ھۆكۈمەت يېتەكچى بولۇش، جەمئىيەت قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ مېيىپلارنىڭ جەمئىيەتكە باراۋەر قاتنىشىشى ۋە سىڭىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش، مېيىپلارنىڭ مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بولغان سىياسىي كاپالەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ مېيىپلارغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئالاھىدە نەپ يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مېيىپلارغا ئالاھىدە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئاساسىي ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈش؛ مېيىپلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئېغىر مېيىپلارغا بولغان ئاساسىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، مېيىپ بالىلارنى بالدۇر داۋالاشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چەكلىك مەبلەغنى ئەڭ ئۈنۈملۈك جايغا ئىشلىتىش كېرەك؛ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، مېيىپلار ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن نىزاملارنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مېيىپلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. سۆھبەت يىغىنىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بەس-بەستە سۆز قىلدى، يۈ جېڭشېڭ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئارىلاپ-ئارىلاپ سوئال سورىدى، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر