باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» نى ئېلان قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى جاۋاپكار بولۇش تۈزۈمىنى ئونىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى

2015.01.23 17:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى جاۋاپكار بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» (تۆۋەندە «پىكىر» دەپ قىسقارتىلدى) نى ئېلان قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىستىمالى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىن ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى ئىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى جاۋاپكار بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە مۇنداق دېيىلدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. دۆلىتىمىزدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «11 يىل مول ھوسۇل ئېلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، بەزى جايلاردا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇش، ئاشلىق ئوبوروتىغا سەل قاراش، مەركەزگە بەكمۇ تايىنىۋېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت، شۇڭا، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، دانلىق زىرائەتلەردە ئاساسەن ئۆزىنى ئۆزى قامداش، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تاماق قاچىسىنى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى جاۋاپكار بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت.

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر