باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش زور مەسىلىسى مەخسۇس تەتقىق قىلىندى

2014.10.24 08:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن جۇڭگو كومپارتىيەسى18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى 20-ئۆكتەبىردىن 23-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، يىغىندا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى زور مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندۇ، بۇ جۇڭگونىڭ سىياسىي تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتتىكى دەۋر بۆلگۈچ چوڭ ئىش، نۇرغۇن ئالەمەتلەردىن شۇنىسى ئايان بولدىكى بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش جۇڭگو كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.

  بۇ قېتىم 4-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىت دەل شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللىكتىپى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە ئىككى يىل بولغان ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش يولغا قويۇلغىنىغا بىر يىل بولاي دېگەن، جۇڭگونى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈرۈش قىلىنغىنىغا بىرقانچە يىل بولغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو تۈزۈم ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنى جەمئىيەتنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈرتكۈلۈك كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ــ بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن جۇڭگو ئىقتىسادىغا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى سەۋەنلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئاساسى شەرت.

  جۇڭگو يەنىلا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ كەلگەن ئادەم باشقۇرۇش ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشماقتا ، مەيلى ئىقتىسادى ساھەدىكى ئىسلاھات بولسۇن ۋە ياكى ئاساسى قاتلام جەمئىيىتىنى باشقۇرۇش بولسۇن بەزى پارتىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تارىختا شەكىللىنىپ قالغان ئىمتىياز كۆزقارىشى، سۆزنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ھوقۇقنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويۇش قاتارلىق تەپەككۇر ۋە ئىستىل، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى ئىدارە قىلىش، شەخسى غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇش ھادىسىسىنىڭ يەنىلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى بۇزدى شۇنداقلا چىرىكلىكنىڭ يامرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبكە ئايلاندى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئورنى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە زىيان يەتكۈزۈدى، مەركەزدىن يەرلىككىچە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ نوپۇزىنى تۇرغۇزۇشقا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.

  مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئاساسى قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەڭ ئالىي قاتلاملىق دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئاساسى قانۇن تۇغى ئاستىدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلشىتا قانۇننىڭ مەۋجۇدلىقى، ئادىللىقى نامايەن بولىدۇ، ھەم ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش ھەم ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتا ئادىللىق ۋە ھەققانيلىقنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئىپادىلەش كېرەك، بۇ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك يىغىن ئىكەنلىكى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تارىخي ھالقىش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر