باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئالى رېلىس قاتناش ۋاستىلىرى جابدۇقلىرى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا قەدەم باستى

2014.10.24 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا شۇ يەر ۋاقتى 22-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ماسساچۈسېتىس شىتاتلىق قاتناش ئىدارىسى بوستۇن قىزىل لىنىيەسى ۋە ئاپلىسىن لىنىيەسىگە سەپلەش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ شىمال پاراۋۇز قاتناش ۋاستىلىرى سانائەت گۇرۇھى شىركىتىدىن 284 يەر ئاستى پويىزى سېتىۋېلىشىنى رەسمىي تەستىقلىدى. بۇ جۇڭگو رېلىس قاتناش جابدۇقلىرى كارخانىسىنىڭ ئامېرىكىدا يەر شارىغا يۈزلەنگەن خېرىدار چاقىرىشتا تۇنجى قېتىم غەلبە قىلىشى.

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ 284 يەر ئاستى پويىزى-152 ئاپلىسىن لىنىيەسى پويىزى، 132 قىزىل لىنىيە پويىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا يەر شارى بويىچە خېرىدار چاقىرىشقا يۈزلەنگەن. جۇڭگو شىمال پاراۋۇز قاتناش ۋاستىلىرى سانائەت گۇرۇھى شىركىتى بىلەن يەر شارى رېلىس قاتناش جابدۇقلىرىنى ياساش كارخانىسى ئايرىم-ئايرىم بۇنىڭغا خېرىدار بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ شىمال پاراۋۇز قاتناش ۋاستىلىرى سانائەت گۇرۇھى شىركىتى ئۇتۇپ چىققان. بۇمۇ جۇڭگو شىمال پاراۋۇز قاتناش ۋاستىلىرى سانائەت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ 2011-يىلى فىرانسىيەدە باكلىق ۋاگۈنىنىڭ زاكىزىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ رېلىس قاتناش جابدۇقلىرى زاكىزىغا يەنە بىر قېتىم ئېرىشىشى.

  بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو شىمال پاراۋۇز قاتناش ۋاستىلىرى سانائەت گۇرۇھى شىركىتى رېلىس قاتناش جابدۇقلىرىدا ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، شىمالى ئامېرىكا قېتئەسى، جەنۇبىى ئامېرىكا قېتئەسى، ئوكيانىيەدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ قېتئەنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر