باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق يەتتە مىڭدىن ئارتۇق سوتچى ئىچكىرى جايلاردا تەربىيەلەندى

2014.10.24 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئەۋەتكەن 8-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار يېقىندا رەسمىي ئىشقا چۈشتى. ئىگىلىنىشىچە تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە 19 ئۆلكە شەھەرنىڭ سوت مەھكىمىلىرى شىجاڭغا ياردەم بېرىشكە 220دىن ئارتۇق كادىر ئەۋەتكەن، ئىختىساسلىقلار، ئەقلى كۈچ، سوتلاش كەسپى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە ماددىي ئۈسكۈنىلەر جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوتلاش كەسپى جەھەتتە ياردەم بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت سوتچىلىرىنى دۆلەت سوتچىلار ئىنستىتۇتىغا ئېلىپ كېلىپ ھەقسىز تەربىيەلىگەن. 2008-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولىۋاتقانلىقى، يېڭى دېلولارنىڭ تېزدىن كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاستا بولىۋاتقانلىقى، سوتلاش تەجرىبسىنىڭ كەمچىل بولىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئېلىپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش، نېمە قىلماقچى بولسا، شۇنى ئۆگىنىشتەك پىرىنسىپقا ئاساسەن، سەييارە دەرس ئۆتۈش، مەخسۇس تەربىيەلەش، دېلوغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ سوت مەھكىمىلىرى ئۈچۈن ھەر مىللەت سوتچىلىرىنى 6952 ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر