باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت پەن تېخنىكا سېلىنمىسى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

2014.10.24 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان 2013-يىللىق مەملىكەت بويىچە پەن تېخنىكا راسخوت سېلىنمىسىنى ئىستاتىستىكا قىلىش دوكلاتىدىن قارىغاندا، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە تەتقىقات تەجرىبە تەرەققىيات راسخوتى سېلىنمىسى 1 تىرىليون 184 مىليارد 660 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 154 مىليارد 820 مىليون يۈەن، يەنى ٪15 ئاشقان؛ تەتقىقات تەجرىبە تەرەققىيات راسخوتى سېلىنمىسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تۇنجى قېتىم ٪2تىن ئېشىپ، ٪2.08كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ٪1.9تىن 0.1 پوئىنتى يۇقىرى بولغان.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىجتىمائىي پەنلەر مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستاتىستىكىچىسى دېڭ يوڭشۈ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات تەجرىبە تەرەققىيات سېلىنمىسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تۇنجى قېتىم ٪2تىن ئاشتى، بۇ ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەش رولى ۋە كارخانىلارنىڭ تەتقىقات تەرەققىيات سېلىنمىسىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى گەۋدىلەندى.

  دېڭ يۇڭشۈ مۇنداق دېدى: تەتقىقات تەجرىبە تەرەققىيات راسخوتى سېلىنمىسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ پەن تېخنىكا سېلىنمىسى سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ، 2012-يىلى ئېلىمىزنىڭ تەتقىقات تەجرىبە تەرەققىيات راسخوتى سېلىنمىسى بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشقاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى بۇ كۆرسەتكۈچ ٪2تىن ئاشتى، بۇ ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنىڭ يەنىمۇ كىچىكلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر