باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭلىق زاتلار: ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى، «جۇڭخۈەن يولىنى ئىگىلىۋېلىش» ھەرىكىتىنىڭ تېزرەك ئاياغلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز

2014.10.23 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شياڭگاڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى 21-چېسلا شياڭگاڭ مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دېيىلىدۇ) بىلەن سىياسىي تۈزۈم تەرەقىياتى توغرىسىدا ئىككى سائەت سۆھبەتلەشتى ھەم تۆت تۈرلۈك جاۋاب بەردى. شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى دەپ قارىدى.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونى مەمۇرىيەت كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سۆھبىتىنى قوللىدى ھەم بۇ بىر ياخشى باشلىنىش دەپ قارىدى. يېليۇ شۇيى مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىغا تايىنىپ تۇرۇپ، سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى»؛ لى خۈيچيۇڭ مۇنداق دېدى: «ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى ۋە مەركەز شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ھەرخىل ئۇسۇللاردا ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»؛ لىن جيەنفېڭ مۇنداق دېدى: «ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ تەرەپ سۇپىسى بەرپا قىلىپ سىياسىي ئىسلاھاتنى مۇزاكىرە قىلىشى ئاكتىپ ۋە ئەمەلىي ئۇسۇلدۇر، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى سەمىمىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  مەمۇرىيەت كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن، «جۇڭخۈەن يولىنى ئىگىلىۋېلىش» ھەرىكىتىنىڭ تېزرەك ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر