باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا مالىيە چىقىمى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

2014.08.29 09:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن مالىيە مىنىستىرى لوۋ جىۋېي 27-ئاۋغۇست 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنىغا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دوكىلات قىلدى. بۇ دوكىلاتنىڭ كەينىدىكى ئالتە قوشۇمچە جەدىۋەل دىققەتنى تارتتى. جەدىۋەلدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا مەيلى پۈتۈن مەملىكەت مالىيەسىدە بولسۇن ياكى مەركەز مالىيەسىدە بولسۇن، چىقىمنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرىنەرلىك ئاشقان.

  دوكىلاتتىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى مالىيە كىرىمى 8 تىرىليون 730 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، خامچوتنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى مالىيە چىقىمى 7 تىرىليون 940 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، خامچوتنىڭ %51.9 ى ئورۇندىلىپ، %15 ئاشقان.

  دوكىلاتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند كىرىمى 1 تىرىليون 980 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.8 ئاشقان، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 4 تىرىليون 930 مىليارد يۈەن ئېشىپ قالغان.

  لوۋ جىۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مالىيەنىڭ ھەرىكىتى ئاساسەن تەكشى بولدى، خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ياخشى بولدى. مالىيە تارماقلىرى خامچوتنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مەركەز تارماقلىرىنىڭ خامچوتىنى تەستىقلاپ، مەركەزنىڭ يەرلىككە يۆتكەپ چىقىم قىلىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغى خامچوتى تەستىقلىنىپ 90 كۈن ئىچىدە چۈشۈرۈپ بېرىلىشتىن 30 كۈنگە قىسقارتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر