باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش سىياسىي بۆلۈم قىسىمدىكى پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشىغا ئالاقىدار بىر قانچە بەلگىلىمىنى تارقاتتى

2014.08.29 09:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئازاتلىق ئارمىيە باش سىياسى بۆلۈم يېقىندا«قىسىمدىكى پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشىغا ئالاقىدار بىر قانچە بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «بەلگىلىمىدە» مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەر بىر پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىر، پارتىيىنىڭ بىر ياچېيكىسىغا كىرگۈزۈلىشى، ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن پارتىيىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى كېرەك، پارتىيىنىڭ ھەر قانداق تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمايدىغان، پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قۇبۇل قىلمايدىغان ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمە بويىچە قوش تەشكىلىي تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى، تەڭ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ دېمۇكىراتىك تۇرمۇشىغا قاتناشقاندىن باشقا، يەنە ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسى ياكى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ دېمۇكىراتىك تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى، ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسى ياكى پارتىيە گۇرۇپپىسىغا ئىدىيە، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە پاك ئىنتىزامچانلىق ئەھۋالىنى دوكىلات قىلىشى كېرەك، پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشقان ئەھۋالىنى دېمۇكىراتىك تۇرمۇش يىغىنى، خىزمەت ۋە پاكلىق دوكىلاتىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، نازارەتچىلىك ۋە باھالاشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.

  «بەلگىلىمە» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە سىياسىي ئورگانلار پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يېتەكچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، ھەر يىلى پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى باھالاپ مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى، سەۋەبسىز قاتناشمىغانلىرىغا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە تەنقىد قىلىپ تەربىيە بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر