باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى داۋالاش ئىسلاھاتىغا چوڭقۇر قاتناشتۇرىلىدۇ

2014.08.29 09:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-ئاۋغۇست ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىلىق قارالمىغا ئايلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇنداق بىر مۇھىم سېگنال بېرىلدى، ئۇ بولسىمۇ سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا كەسىپىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپلا قالماستىن، ئومۇم خەلق ساغلاملىقىدا ئۇ بىر داۋالاش كاپالىتى، خادىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىقتىسادتا بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كۆپ بوشلۇقلاردا رول ئوينايدىغان مۇھىم كەسىپ قىلىنىدۇ. سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئورنى كۆرىنەرلىك ئۆستى، بىر قېتىملىق ئۇچقاندەك بۆسۈش پۇرسىتى يېتىپ كەلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سودا سۇغۇرتىسى ئاپپاراتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بېجىرگەن شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى فوند، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن بەلگىلىك نىسبەت ياكى سوممىنى سۇغۇرتا مەبلىغى قىلىش، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئېغىر كېسەل بىمارلىرىنىڭ داۋالاش ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ ھەمدە داۋالاش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئاشۇرىلىدۇ دېگەنلىك.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىش، بولۇپمۇ ياشانغانلار، مېيىپلار قاتارلىقلارغا قارىتىلغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكى ساغلاملىق سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرى كاپالەت ساھەسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر گۈللەنگەن دەۋرگە كىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر