باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

6 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ

2014.06.17 02:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 6-ئىيۇن ماقۇللىغان «قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى سىنىقىغا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى رامكا پىكىرى» ۋە «شاڭخەي شەھىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا خىزمىتى لايىھەسى»دە بىر قانچە نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىگە قارىتا سىياسەت يۆنىلىشى بەلگىلەندى. يېقىندا مەركىزىي قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى گېزىتىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،

  قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا خىزمىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  4 تۈرلۈك ئىسلاھات نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ

  قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنىڭ كەسپىي كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئادەم، مالىيە ۋە ماددىي ئەشياسىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي خاراكتېرلىك، تۈزۈم خاراكتېرلىك تەدبىرلىرى قىلىنىدۇ. مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى جايلار بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق بۇ 4 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جىلىن، خۇبېي، خەينەن، چىڭخەي قاتارلىق 6 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئاۋۋال سىناق قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاشنى قارار قىلدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر