- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بايلىق 1-نومۇر 03 سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش مەغلۇب بولدى
2013.12.10 18:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-دېكابىر سائەت 11دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن ئۇزۇن سەپەر 4-نومۇرلۇق 2-توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن جۇڭگو بىلەن برازېلىيە ھەمكارلىشىپ ياسىغان بايلىق 1-نومۇرلۇق 03 سۈنئىي ھەمراھ راكېتانىڭ ئۇچۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن كاشىلىسى تۈپەيلى ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربېتىغا كىرەلمىدى. جۇڭگو-برازېلىيە 2 تەرەپ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ كاشىلا سەۋەبىنى تەھلىل قىلماقتا. ئىككى تەرەپ كېيىنكى ھەمكارلىق كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر