باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

2013.12.10 16:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈملىرى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈملىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلات – كادىرلار تارماقلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمىگە:

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.

  1. خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشتا ئىلمىي تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى يىللىق باھالاش، نىشان مەسئۇلىيىتى، نەتىجە – ئۈنۈمىنى باھالاش، ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە كۆزىتىش، نۆۋەت ئالمىشىش مەزگىلىدە كۆزىتىش ۋە باشقا باھالاش، كۆزىتىشتە ئومۇمىي خىزمەتكە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سىياسىي، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسىگە، ئۆز تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نەتىجىسىگە قاراش كېرەك، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئېشىش نىسبىتىنىلا خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى قىلىشقا، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئېشىش نىسبىتىنى رەتكە تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نوقۇل رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئېشىش نىسبىتىنىلا ئاساس قىلىپ، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىنى ئۆلچىشىگە بولمايدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاددىي ھالدىلا رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئېشىش نىسبىتىنىڭ رەت تەرىپىگە ئاساسەن، بىر دەرىجە تۆۋەن رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت نەتجىسى ۋە باھالاش دەرىجىسىنى بېكىتىشىگە بولمايدۇ.

  2.خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تەلىپىگە ئاساسەن، ھەممە ئەھمىيەت بېرىدىغان، خاسلىققا ئىگە باھالاش كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىپ، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. چەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەرنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، مۇھىت ئاسراش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ھەزىم قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئەمگەك – ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاھالىنىڭ كىرىمى، ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى باھالاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  3.ئېچىش چەكلەنگەن رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالىماسلىق كېرەك. ئېچىش چەكلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلار ۋە نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك رايونلاردا يېزا ئىگىلىكى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان نەتىجە – ئۈنۈمنى باھالاشنى يولغا قويۇش، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، سانائەت قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرىنى باھالىماسلىق كېرەك. ئېچىش چەكلەنگەن نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك رايونلاردا، تەبىئىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە مۇكەممەللىكىنى قوغداش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاش كېرەك. دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى ئېكولوگىيەسى ئاجىز نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يۆلەش – ئېچىش ئۈنۈمىنى نۇقتىلىق باھالاش كېرەك.

  4.ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئەھۋالىنى باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت قەرزىنى خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى قىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى قەرز ئېلىش ئەھۋالىنى باھالاش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەتىجە كۆرسىتىشكە ئالدىراپ، قارىغۇلارچە قەرز ئېلىپ ‹‹نەتىجە قۇرۇلۇشى›› قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەرەققىيات پىلانىنىڭ سىجىللىقىنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنقىلارنىڭ توغرا تەرەققىيات تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇلۇغۋار تەرەققىيات پىلانىنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ روياپقا چىقىرىش ئەھۋالى، تارىخىي قالدۇق مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىش ئەھۋالىنى باھالاپ، ‹‹يېڭى رەھبەرنىڭ كونا ھېسابات بىلەن كارى بولماسلىق››، ‹‹ئەۋلادلارنىڭ نېسىۋىسىنى ئىگىلىۋېلىش›› مەسىلىلىرىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك.

  5.خىزمەت نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئوبيېكتىپ شارائىت، ئالدىنقىلار سالغان ئاساس بىلەن ھازىرقىلارنىڭ نەتىجىسى، شەخسنىڭ تۆھپىسى بىلەن كوللېكتىپنىڭ رولىغا دىيالېكتىكىلىق نەزەر سېلىپ، تەرەققىيات نەتىجىسىگىمۇ، تەرەققىيات تەننەرخى ۋە بەدىلىگىمۇ قاراش؛ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسىنى باھالاشقىمۇ، سالغان ئاساسنى، يىراق كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن تۆھپىسىنى باھالاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ‹‹ئوبراز قۇرۇلۇشى››، ‹‹نەتىجە قۇرۇلۇشى›› قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ۋە چەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ مەبلەغ سېلىش، كۆپ بۇلغىما قويۇپ بېرىش، مۇھىتنى ئېغىر بۇلغاش بەدىلىگە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، قىلىشقا تېگىشلىكنى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش كېرەك.

  6.ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە، ئاددىي ھالدىلا رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئېشىش نىسبىتىگىلا قارىماسلىق كېرەك. ياخشى كادىر ئۆلچىمى بويىچە، كادىرلارنىڭ ئەخلاقى، قابىلىيەت ساپاسى، خىزمەت ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ئىلمىي تەرەققىياتتا ئاڭلىق چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىدىغان، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن كادىرلارنىڭ ئەخلاقى، قابىلىيىتى، تىرىشچانلىقى، نەتىجىسى، پاكلىقىغا ئاددىيلا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە تەيىنلەشنىڭ ئاساسى، كادىرلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ياكى ۋەزىپە – دەرىجە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى، ئاخىرقىسىنى شاللىۋېتىشنىڭ ئاساسى قىلماسلىق كېرەك.

  7.مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتقا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېنىكلىك بىلەن تەدبىر تۈزۈپ، قارىسىغا ئىش قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىگە، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زور زىيان يەتكۈزگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان، ئېغىر بايلىق ئىسراپچىلىقى پەيدا قىلغان، ئېكولوگىيەنىڭ ئېغىر بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، قارىغۇلارچە قەرز ئېلىپ بىر قاتار قالايمىقان ھېساباتلارنى قالدۇرۇپ قويغانلارنى خاتىرىلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ تەشكىل بىر تەرەپ قىلىش ياكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىنتىزامى بويىچە جازالاش، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  8.تۈرلۈك خىزمەت باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. باھالاشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل باھالاش، تەكرار باھالاش، مۇرەككەپ باھالاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، باھالاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، باھالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك مەخسۇس كەسپىي خىزمەتلەرنى باھالاشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك نامدىكى، يېتەكچىلىكى توغرا بولمىغان باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باھالاش زىيادە كۆپ، قالايمىقان بولۇش، ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش››قا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى تەكشۈرۈش، باھالاشقا تاقابىل تۇرۇش يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەركەز باشقۇرۇشىدىكى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار شۇ يىلى مەخسۇس ئۆگىنىش – تەربىيە پائالىيىتى ياكى نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى تەكشۈرۈش، سەييارە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان بولسا، تەكرار يىللىق باھالاشقا بولمايدۇ، يىللىق خىزمەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەخسۇس تۈر پائالىيىتى مۇپەتتىشلىكى ۋە نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى تەكشۈرۈش، سەييارە تەكشۈرۈش قاتارلىق نەتىجىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، يىللىق تەكشۈرۈش پىكرى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  جايلار، تارماقلار مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچىنى چىڭ تۇتۇپ تەرتىپكە سېلىپ ۋە تەڭشەپ، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، توغرا باھالاش يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، تەكشۈرۈشنى نوقۇل ھالدىكى ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار، تەرەققىيات سۈرئىتىنى سېلىشتۇرۇشتىن تەرەققىيات سۈپىتى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى سېلىشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ‹‹تۆھپە تالاشمايدىغان›› تەرەققىيات قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان خىزمەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى

  2013 – يىل 6 – دېكابىر

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – دېكابىر تېلېگراممىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر