باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يەرلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2013.12.10 16:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – دېكابىر تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ‹‹يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› (تۆۋەندە قىسقارتىپ ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دېيىلدى) چىقاردى. ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا، بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك باھالاش، تەكشۈرۈشتە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئېشىش نىسبىتىنىلا خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى قىلىشقا، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئېشىش نىسبىتىنى رەتكە تۇرغۇزۇشقا، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نۇقۇل مۇشۇنى ئاساس قىلىپ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىگە باھا بېرىشىگە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئاساسلىنىپلا بىر دەرىجە تۆۋەن رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش دەرىجىسىنى بېكىتىشىگە بولمايدۇ، ئېچىش چەكلەنگەن رايونلار ۋە دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى ئېكولوگىيەسى ئاجىز نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر