باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنى قىزغىن تەبرىكلىدى(2)

2012.11.09 16:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە دىموكراتىك بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ باشلىقى لى خەچەن تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، يېڭى ھالقىشقا قاراپ قەدەم تاشلىدى. ئىشىنىمىزكى بۇ مۇھىم پەيتتە ئېچىلغان مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشىدۇ.

  ياپونىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەبرىك خېتىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى سەمىمىي تەبرىكلەندى. تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قاتارلىق ساھەلەردە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا سىياسى، ئىقتىسادقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بىز ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلىنماي كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، تارىخىي ئېقىمغا زىت ئىشلاردىن ساقلىنىشقا، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشىنى كۈتمەكتىمىز.

  ياپونىيە سوتسىيال دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مىزۇخو فۇكۇشىما تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىك كوللىكتىپى جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتا بوشاشماستىن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمىز.

  قىرغىزىستان ۋەتەن سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تېكەبايېف، بېنگال ئاۋام پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەرشاد، پەلەستىن خەلق پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، لىۋان كومپارتىيەسىمۇ ئارقا-ئارقىدىن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، 18-قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  ئۇندىن باشقا يەنە فىرانسىيە كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك سېكرېتارى لورېنت، ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى سىئېن دولگان، فىنلاندىيە مەركەز پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جۇھا سىپىلا ۋە باش سېكرېتارى تىمو لانىنېن، بۇلغارىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سېرگى دىمىترېۋىچ سىتانىشېف، مالتا ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مۇسكات، يېڭى زىلاندىيە دۆلەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى پېتېر گۇدفېللوۋ، ئاۋسترالىيە ھۆرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى جۇلىيا بىشوپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى، جەنۇبىي ئافرىقا كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى بىلادى زىماندى، زىمبابۋى ئافرىقا مىللەتلىرى ئىتتىپاقى – ۋەتەنپەرۋەرلىك فىرونتىنىڭ مەمۇرى سېكرېتارى مۇتاسا، برازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رۇئى فالكاۋ، بىرازىلىيە دىموكراتىك ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كارلوس لۇپى ۋە باش سېكرېتارى دىياس، كولومبىيە مۇتەئەسسىپلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئېفرائىن سېپېدا، ئۇرۇگۋاي خەلق قاتنىشىش ھەرىكىتى مەملىكەتلىك رەھبەرلىك كومىتېتى، ئۇكرائىنانىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى، ئۇكرائىنا تىنچلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى لېئونىد كىراۋچۇك قاتارلىق يۈزگە يېقىن رەھبەر تەبرىك تېلېگراممىسى، تەبرىك خېتى يوللاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تەرىپلىدى ھەمدە 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە