باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يولداش خۇجىنتاۋنىڭ دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

2012.11.09 16:17        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش خۇجىنتاۋ 8- نويابىردىكى 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۆرۈشى، ئىجاد قىلىشى، جۇغلىشىنىڭ تۈپ مۇۋەپپەقىيىتى؛ بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش، باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش زۆرۈر. دوكلات ۋەكىللەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا دۇنيا ۋەزىيىتى، دۆلەت ۋە پارتىيە ئەھۋالىغا چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، قايسى بايراقنى كۆتۈرۈش، قايسى يولدا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەتتە بولۇش، قايسى خىل نىشاننى كۆزلەشتىن ئىبارەت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، بىزنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىز ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جەزمەن يېتەكلەيدۇ.

  پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 10 يىل جەريانىدا بىز ئېلىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زور خىرىسلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن تىرىشتۇق. ۋەكىللەر 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ناھايىتى ئورۇنلۇق سۆزلەر بىلەن ئون يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى يىغىنچاقلانغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  18 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك مۈشكۈل تارىخى ۋەزىپە. بىز چوقۇم قىلچە تەۋرەنمەي ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشىمىز، تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكى، نەزەرىيە ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز لازىم. بۇ سەگەكلىك ، سوغۇققانلىققا تولغان تەھلىل ۋەكىللەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پۈتۈن پارتىيەنى پۇرسەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق، ئۈستۈنلۈك قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىلمىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىدىيە، كۆز قاراش ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى نۇقسانلارنى ئۈزۈل كېسىل تۈگىتىشكە چاقىرىدى. ۋەكىللەر بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە