باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنى قىزغىن تەبرىكلىدى(1)

2012.11.09 16:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى، پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار تېلېگرامما يوللاپ ياكى خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

  چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، ۋېيتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ئايرىم-ئايرىم تېلېگرامما يوللاپ ياكى خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  ئۇندىن باشقا تاجىكىستان خەلق دىموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پىرېزىدېنت راخمان تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ كاتتا يىغىنى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو، ھەتتا دۇنيادىكى مۇھىم ئورنىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيدىغان يەنە بىر زور ھەرىكىتى بولىدۇ. تەبرىك خېتىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەلەر ئارا سۆزلىشىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سىياسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

  ئۇكرائىنا رايون پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى مىكولا ئازاروف تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى بېكىتىلىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى چەسىمنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، قېرىنداش جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى ساھەلەردە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، كامبودژا خەلق پارتىيەسى بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ۋە سەمىمىي ئاپىرىن ئېيتىدۇ.

  كامبودژا فۇنسىنپىك پارتىيەسىنىڭ داھىسى كيو پۇت راسمېي تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىياتى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، تېزدىن قەد كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى گۈللەنگەن، قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندى. فۇنسىنپىك پارتىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، بىز خان ئاتىسى نورودوم سىخانوك قالدۇرغان قىممەتلىك سىياسىي مىراسلارغا ياخشى ۋارسلىق قىلىپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىمىز.

  پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (شېرىف گۇرۇھى)نىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ناۋاز شېرىف ۋە پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى چودرى شىجائەت ھۈسەيىن، باش كاتىپى مۇشاھىد ھۈسەيىن ئايرىم-ئايرىم تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى، ئۇلار تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇپلا قالماستىن، جۇڭگونى گۈللىنىشكە يېتەكلەپ، تىنچ قەد كۆتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاسىيانىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ مەنبىئىگە ئايلاندى. تەبرىك خېتىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: شۈبھىسىزكى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى جۇڭگو كومپارتىيەسى، ھەتتا جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ، بىز 18-قۇرۇلتاينىڭ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى كۈتمەكتىمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە