خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( كۇچا ناھىيەسى ياقا بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى: مۇساجان تۇردى خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۆزلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ھەم ئۇلارغا مەدەت بېرىش مەقسىتىدە، 2016- يىلى 2- ئىيۇن مەمتىمىن ھوشۇر، پەرھات جىلان، ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، نەق مەيداندا ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن داڭلىق يازغۇچىلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن %20 لىك ئېتىبار باھادا كىتاب سېتىپ، ئوقۇرمەنلەرنى قوش نەپكە ئىگە قىلدى .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى