باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 75 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.06.02 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 75 دېلو ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. بۇ، بۇ تور بېكەت «1-ماي» تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىپ ئاشكارىلاش مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇدا بەش ھەپتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلو 29 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يۈز بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەشى گەنسۇدا يۈر بەرگەن بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ تيەنجىن، جياڭسۇ، خېنەندە ئايرىم-ئايرىم تۆتىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز دېلو بايرام مەزگىلىدە سوۋغات قوبۇل قىلىش،سوۋغات بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ بايراملىق پاراۋانلىق تارقىتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەر ھەپتىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ئالتە ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى بىر كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

  بىڭتۈەن 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋېيچۈەن، باش مەسئۇل ئىقتىسادچى چى ليەنگو، سانائەت-قاتناش ئىدارىسى بىناكارلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شياۋ بو، تەرەققىيات-ئىسلاھات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ شىجۈن، مالىيە ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى تاڭ خۇ بىلەن سانائەت-قاتناش ئىدارىسى بىناكارلىق بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچى ياڭ يى قاتارلىق ئالتە كىشى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى مېھمان قىلغان.

  2016-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، بىڭتۈەن 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى لى ۋېيچۈەن، شياۋ بوغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بەردى؛ چى ليەنگو، جېڭ شىجۈنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بەردى؛ تاڭ خۇ، ياڭ يىغا گۇناھ يېزىش جازاسى بەردى. (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر