خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-دېكابىر، نامايىشچىلار ئامېرىكا چېكاگودا ئۆتكۈزگەن «قارا روژدېستۋا بايرىمى» نامايىشىدا «قولۇمنى كۆتۈرۈپ بولدۇم، ئوق چىقارماڭ» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى. نەچچە يۈزلىگەن ئېتىراز بىلدۈرگۈچى 24-دېكابىر ئامېرىكا چېكاگو كوچىلىرىغا چىقىپ، ئاق تەنلىك ساقچى جەيسىن ۋاندېيكنىڭ 17 ياشلىق نىگىر ياش لاكۋىن ماكدونالدنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، كىشىلەرنى ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولماسلىق ھادىسىسىگە دىققەت قىلىشقا مۇراجەت قىلىپ، شەھەر باشلىقى ئىمەنيۇلنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى