خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-دېكابىر، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ ئايروپىلان خادىملىرى شىخەنزە گۈلزار ئايرودرومىدا ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە. شۇ كۈنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ تۇنجى خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايرودرومى بولغان شىخەنزە گۈلزار ئايرودىرومىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى.
ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئايرودروم 18كە يەتتى. شىخەنزە گۈلزار ئايرودرومى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاۋىئاتسىيە لېنىيەسىنى جەنۇب ئاۋىئاتىسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى ئىجرا قىلدى. ھازىرغىچە ئاقسۇ _ شىخەنزە _ بېيجىڭ، قەشقەر _ شىخەنزە _ جېڭجوۋ ئىككى نۆۋەتلىك ئايروپىلان لېنىيەسى ئېچىلدى. شىخەنزە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8-دېۋىزىيەسى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، تەسىر كۆسىتىۋاتقان نوپۇس بىر مىليونغا يېقىنلىشىدۇ. ئايرودروم ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، بىڭتۈەندىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى تېخىمۇ قولايلىق بولغان ھاۋا ترانسپورتى ئارقىلىق ئىچكىرى ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان سېتىش يولىنى ئاچالايدۇ. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى