سۈرەتتە: 23-ئىيۇن، قاراقۇرۇمدا ئەتلەس جىلۋىسى، ئونمىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىجادىي مەھسۇلاتلار شاڭخەي ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ نەق مەيدانى. ئۇسسۇل« يىپەك يولى شادلىقى»
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مىڭ يىللىق ئەتلەس مودا مەركىزى شاڭخەيدە چاقنىدى. 23-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش « قاراقۇرۇمدا ئەتلەس جىلۋىسى»تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات پائالىيىتى شاڭخەي شەھىرىدە باشلاندى. پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئونمىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئىجادىي مەھسۇلاتلار شاڭخەي ئۇچرىشىش يىغىنى تەڭ ئۆتكۈزۈلدى.
چوڭ تىپتىكى مودا كىيىملەر كۆرگەزمىسى«مودا ئەتلەس»بىلەن باشلاندى. شىنجاڭنىڭ يەرلىك كىيىم - كېچەك لايىھىلىگۈچىسى خەلق ئىچى ھۈنەر - سەنئەتىنى زامانىۋى ئىدىيە ۋە خەلقئارا بازار ئېھتىياجى بىلەن مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئەتلەسنى مودىغا ئايلاندۇردى. ئەتلەس يۇرتى خوتەندىن كەلگەن ئەتلەسچىلىكنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد ۋارىسى ئەمەت ئېلىنىڭ پەيدا بولىشى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىدى. قولدا ئىشلەنگەن ئەتلەس قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى