خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئامېرىكىلىق داڭلىق مودا مۇزىكا چولپىنى مايكول جېكسون 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى 26-ئىيۇن 5:26) يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش سەۋەبلىك لوس-ئانژېلستىكى بىر دوختۇرخانىدا 50يېشىدا ۋاپات بولدى. مايكول جېكسون مودا مۇزىكا شاھى دەپ تەرىپلەنگەن، مۈشۈك شاھتىن كېيىنكى غەرپ مودا مۇزىكا سەھنىسىدىكى تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ مۇزىكانت، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى مۈشۈك شاھتىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ناخشا تېكىستى يېزىش، مۇزىكا ئىشلەش، مەنزىرە ياساش، مۇزىكا تەھرىرلەش، ئېيتىش، ئۇسسۇل، ساز چېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە نەتىجىسى بار.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى