بېيجىڭ ۋاقتى 23-ئاپرېل سەھەردە، ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكنى تاللاش ئايلانمىسى 4-مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. خانلىق مادىرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا مادىرىد ماھارەت كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى، مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى، ئىككىلا تەرەپ مۇداپىئەنى ئاساس قىلدى، 70 مىنۇتلار ئەتراپىدا مادىرىد ماھارەت كوماندىسىنى ئەزاسى ئاردا تۇلانغا ئىككىنچى سېرىق (قىزىل كارتا) كارتا بېرىلىپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى. 87 مىنۇت بولغاندا كرىستيانو رونالدو ئېرناندىسقا ھۇجۇم پاسى بېرىپ بىر توپ كىرگۈزدى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن خانلىق مادىرىد كوماندىسى 0:1 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن مادىرىد ماھارەت كوماندىسىنى شاللىۋەتتى. موناكو كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن 0:0 تەڭلەشتى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن يۇۋېنتۇس كوماندىسى 0:1 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن موناكو كوماندىسىنى شاللىۋەتتى.