تۇرسۇنمۇھەممەت ئوسمان 1962-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان 1983-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان.ئۇ 1987-يىلىدىن 1989-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي نەزىريە كەسپى سىنىپىدا ئىككى يىل ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىلى يۇڭ توقۇمچىلىق زاۋۇت پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۇمىدە ئىشلىگەن ھەمدە ئىلى ئوبلاستىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان كارخانا گىزىتى ‹‹ئىلى توقۇمچىلىقى››گىزىتىنىڭ باش مۇھەرررى،‹‹ئىشچىلا ۋاقىت گىزىتى››ۋە ‹‹ئىلى گىزىتى››نىڭ تەكلىپلىك مۇخپىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
تۇرسۇنمۇھەممەت ئوسمان 1985-يىلىدىن باشلاپ فوتو-سۈرەتچىلىك ۋە ئاخبارات يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گىزىت-ژورناللاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق فوتو-سۈرەت ۋە ئاخبارات ماقالىسىنى ئىلان قىلدۇردى،بۇنىڭ ئىچىدە 12 پارچە سۈرەتلىك خەۋەر ۋە هةرخئل زانئردئكئ ئاخبارات ماقالىسى ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى گىزىتلەر ئۇيۇشتۇرغان تۇرلۇك مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىدە 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى . ئۇنىڭ 1999-يىلى‹‹ئىلى كەچلىك گىزىتى››دە ئىلان قىلىنغان‹‹بالىلارنى خارلىماڭلار››ناملىق بىر پارچە سۈرەتلىك ئاخبارات ماقالىسى شۇ يىللىق جوڭگو كەچلىك گىزىت ماقالىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى. 30 پارچىدىن ئارتۇق بەدىئىي سۈرەت ئەسىرى مةملئكةت، ئاپتونۇم رايۇن ۋە ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۇزۇلگەن تۇرلۇك فوتو-سۈرەت مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ كۆرگەزمە قىلىندى ۋە مۇكاپاتلاندى 15.پارچە ئەسىرى ھەرخىل فوتو-سۈرەت توپلاملىرىغا كىرگۇزۇلدى.ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق فوتوگىرافلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى ،ئىلى ئوبىلاستلىق فوتوگىرافلار جەمىيتىنىڭ كصثةش ئەزاسى.