خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-فېۋرال، قوي يىلى چاغانلىق كېچىلىكنىڭ 3-مەيدان رېپىتىسىيەسى ئېلىپ بېرىلدى، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق رىپىتىسىيەگە تەڭشەش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىسىدا، نۆۋەتتە، كېچىلىك بەش يېرىم سائەتتىن تۆت يېرىم سائەتكە قىسقارتىلدى. نۇرغۇنلىغان ئارتىسلارنىڭ رېپىتىسىيە سۈرىتى ئاشكارىلاندى، ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان تېلېۋىزىيە ـ تىياتىرچىلىقتىكى تۆت گۈل ـ دوڭ لىيا، ما سۇ، چىن لەن، ۋاڭ لىكۇنلار جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى «تۆ ساھىبجامال» يەنى شىشى، ياڭ گۇيفېي، ديۋ چەن ۋە ۋاڭ جاۋجۈنلەرنىڭ رولىنى ئالدى.