باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراش ۋەزىيىتى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى

2015.02.11 13:34   مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

شىنجاڭدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراش ۋەزىيىتى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى

  1995-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقىلىپ تاكى 2014-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى 94 ناھىيە (شەھەر، رايون) دوكلات قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار جەمئىي 43555 غا يەتكەن. 2014-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 4143 بولۇپ، بۇ 2013-يىلىغا قارىغان 0.3% ئازايغان. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراش ۋەزىيىتى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.

  10-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇكەي يىغىنغا قاتناشتى.

  غانىبات سابۇكەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى مۇقىملاشقان، قىسمەن رايونلاردا يۇقۇم ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغان، جەنۇبىي شىنجاڭ، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئەيدىز يۇقۇمنىڭ يامراش سۈرئىتى تېز بولغان، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش مەزگىلىگە قەدەم قويۇشى سەۋەبلىك داۋالاش ۋەزىپىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىشقا باشلىغان. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى شىنجاڭدا ھەر يىلى دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرى سانى 4500 دىن 5500 گىچە بولغان، لېكىن 40% بىمار يەنىلا بايقالمىغان.

  يېقىنقى نەچچە يىلدا تەكشۈرۈش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ ماڭغان بولۇپ، ھايات قالغۇچىلار سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشكە باشلىغان، ئەيدىز كېسىلى تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار يىلسېرى كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئامىللىرى يەنىلا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغانلىقتىن ئالدىنى ئېلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز زورايغان.

  تارقىلىش يولى جەھەتتە، ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن تارقىلىشنىڭ ئورنىنى جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە زەھەر چېكىشتىن تارقىلىش نىسبىتى بىرقەدەر تۇراقلىق بولغان، ئەرلەرنىڭ ئۆزئارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باھارگۈل سەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جەھەتتە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان بەلگىلىك نۇقتىدىكى ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش ئاپپاراتىدىن 89 ى بولۇپ، بۇ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قامدىغان. ئاپتونوم رايون بويىچە خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، دوختۇرخانا، ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، قان پونكىتى ئاساس قىلىنغان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئەيدىز كېسەللىكى تەجرىبىخانا خىزمىتى تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. ئاپتونوم رايون بويىچە ئوكۇل ئۈسكۈنىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، يوشۇرۇن پاھىشىۋازلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئەرلەرنىڭ ئۆزئارا جىنسىي مۇناسىۋىتىنى توسۇش، جورىسى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى ھەمراھى ئارىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەر كەينى-كەينىدىن قانات يايدۇرۇلغان.

  ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئەيدىز كېسەللىكىگە ئائىت 6 خىل داۋالاش يېڭى تىپتىكى يېزا ھەمكارلىق داۋالاش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015- يىللىق ماگىستىر ئاسپىراتلىققا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپك…
      ·«ئاپتونوم رايوننىڭ 2015- يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى تىزى…
      ·ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكە(شەھەر)دىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپى تېخنىكوم سىنىپلىرىغا 3 مىڭ 300 ئوقوغ…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر شىنجاڭ نۇسخىسىدىكى ئېقىم مەسىلىلىرى تەرب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى : غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈز…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى  يۈەن گۇيرېن گۇرۇپپا باش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى