10-فېۋرال مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى كۇبا ئوردىسىدا مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 10-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى شۇ كۈنى مىسىرغا زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ماترۇھتا مىسىردىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرىدىكەن. (پەن چاۋيۆ فوتوسى)