باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر» چىقىرىلدى

2015.02.11 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى.

  پىكىردە، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى ۋە تۈپ مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ پىرىنسىپى، يول تەرتىپى شەرھلەنگەن، يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيە، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلام، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كېڭىشىشىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى-جۇڭگو سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدە شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم گەۋدىلىنىشى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇنداق توققۇز جەھەتتىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 1-كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى كۈچەيتىش؛ 2-كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ پىرىنسىپى ۋە يول تەرتىپىنى كۈچەيتىش؛ 3-پارتىيەنىڭ كېڭىشىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش؛ 4-خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىشىنى پائال قانات يايدۇرۇش؛ 5-ھۆكۈمەت كېڭىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ 6-سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ 7-خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ كېڭىشىشىنى ئەستايىدىل ياخشى قىلىش؛ 8-ئاساسىي قاتلام كېڭىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ 9-پارتىيەنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار بۇ پىكىرگە ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر