ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى
11-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرناللار نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ، ‹‹ بۈگۈنكى شىنجاڭ ›› قاتارلىق ئوخشاش كەسىپتىكىلەر، شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ كونا-يېڭى ئوقۇرمەنلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ ، شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرناللار نەشرىياتىنىڭ 60 يىللىق تەرەققىياتى ھەمدە يېڭى تاراتقۇلار دەۋرىدىكى ئۆزگىرىشى ئۈستىدە پايدىلىق ئىزدىنىشلارنى ئېلىپ باردى .
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى : شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرناللار نەشرىياتى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، باشتىن-ئاخىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى ، ياشلىقنىڭ ھەقىقىي ئېنېرگىيەسىنى تارقاتتى ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ، ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئاپتونوم رايوننىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاخبارات – نەشرىيات خىزمىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى .
ئەركىنجان تۇراخۇن يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى ئىدېئولوگىيە ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان پۇرسەت ۋە رىقابەت ئالدىدا ، شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرناللار نەشرىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاق كومىتېتىغا قاراشلىق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىلىرى سىياسىي ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى، باشتىن – ئاخىر توغرا بولغان جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇشى ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ، ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلىرى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى ؛ ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى ؛ ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە ۋە ئۈنۈملەرنى يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى ؛ ئۆزىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك .