خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شېنجىن قاتناش ساقچى تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشچە، شېنجىن ساقچى تارماقلىرى يېقىندا خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش دېولوسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. جىنايەت گۇماندارلىرى، شياڭگاڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ، گۇاڭجۇ-شېنجىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا مۇسابىقىلەشتى. فارارى، لەنبورگىنى قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق 12 ئاپتوموبىل ۋە 13 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ قالدى. ھازىر مەزكۇر دېلو يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى