خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 3–نويابىر، نيۇيوركتىكى مەشھۇر دۇنيا سودا مەركىزى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان، 13 يىلدا يېڭىدىن قۇرۇلغان نيۇيورك دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق بىناسى 3-نويابىر رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. ھېچقانداق لېنتا كېسىش ۋە تەبرىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىدى. بۇ بىنانى تۇنجى تۈركۈمدە ئىجارىگە ئالغۇچىلار بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ بىنادا خىزمىتىنى باشلىدى.