باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى چىڭ تۇتايلى

ـ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىىي ئىنتىزام كومىتېتى دائىمىي ئەزاسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىش باشلىقى چيۇ شۆچياڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلىش

2014.11.03 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنى دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ئورۇنلاشتۇرما بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى قاتتىقلىق بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، «يولۋاس بىلەن چىۋىننى تەڭ جايلاش»تەك ياخشى ۋەزىيەنى قانداق مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىردەك دىققەت قىلىدىغان مەسىلە. مۇخبىر يېقىندا 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام كومىتېتى دائىمىي ھەيئىتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيۇ شۆچياڭنىڭ زىيارەت قىلىپ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى ۋە يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىگىلىدى.

  مەركەز يېڭى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسى تەسىس قىلىشنى تەستىقلاپ، جۇڭگوچە تەپتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەخسۇس ئورگىنى قۇرۇپ چىقىدۇ سوئال: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر شۇئارى، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلىدۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە تەپتىش ئورگىنى قانداق قىلىپ بۇ شۇئارنى تېخىمۇ جاراڭلىتالايدۇ؟

  جاۋاب: چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى پىشقەدەم ئەسكەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشىنى، راۋاجلىنىپ كۈچىيىشىتەك بارلىق جەريانىنى باشتىن كەچۈردۈم. 1995-يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى مەركەزنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرەشتە مۇھىم تۆھپە قوشتى. 20 يىلغا يېقىن تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن بىر قىسىم دېلو بېجىرىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلەر تەدرىجىي ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئورگان ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق بولماسلىق، كۈچ تارقاقلىشىش، دېلو كۆپ ئادەم كەمچىل بولۇش، ئەسۋابلار قالاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنسېرى كۆپىيىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئېھتىياجىغا پۈتۈنلەي ماسلىشالماي قالدى، بۇ ئىسلاھ قىلىشقا موھتاج.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى ئوتتۇرغا قويغان ئىسلاھات لايىھەسىنى رەسمىي تەستىقلىدى. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، فۇنكسيەنى ئەلالاشتۇرۇش، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ بىۋاسىتە چوڭ دېلو، مۇھىم دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تۆۋەندىكى كەسىپلەرگە مەركەزلىك –بىرتۇتاش يېتەكچى ۋە رەھبەرلىك قىلىش، دېلو بېجىرىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە مېخانىزىمى كاشىلىسىنى چىقىرىپ تاشلاشنى نەزەردە تۇتقا قىلغان يېڭى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇش. يېڭى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، فۇنكسىيە قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئىلمىي بولىدۇ، دېلو بېجىرىش كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ، رەھبەرلىك بەنزىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئىدارە باشلىقىنى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك تەپتىش كومىتېتىدىكى مەخسۇس ئەزا ئۈستىگە ئالىدۇ. بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنى تىرشىپ كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە، تەھتىد كۈچىگە ئىگە، ئاممىۋى ئىشەنچىلىكى بار، سەزگۈر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جۇڭگوچە تەپتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەخسۇس ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئۈنۈمى بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە تەقەززاسسىغا جاۋب قايتۇرىمىز.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر