باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى: بىنا سىياسىتىنى مەمۇرىيلاشتۇرۇش بازارنى قۇتقۇزغانلىق ئەمەس

2014.11.03 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلغاندا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چى جى مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئۆي-زېمىن بازىرى سىياسىتى ئاساسلىقى بازارنى تەڭشەش ۋاسىتىسى بولۇپ، مەمۇرىي تۈسى قويۇق بىر قىسىم ئارىلىشىۋالىدىغان تەدبىرلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە چىقىرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت، مەمۇرىيلاشقان سىياسەتلەرنى «بازارنى قۇتقۇزۇش» دەپ ئاتاشقا قوشۇلمايمىز.

  چى جى بىر قىسىم شەھەرلەر چىقارغان سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىگە قارىتا مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق ئارىلىشىۋالىدىغان سىياسەتلەر ئۆي-زېمىن بازىرىدىن ھامىنى يوقىلىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىرنەچچە ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەردە نوپۇس كۆلىمىنى كونترول قىلىش مەسىلىسى قويۇۋېتىلمىگەندىن باشقا، كۆپ قىسىم شەھەرلەرنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرىكى سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرى تەڭشەلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر