باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ 1700دىن ئارتۇق تەستىق تۈرىنىڭ 632سى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى

2014.11.03 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقى ئىزچىل مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار ھوقۇقىنىڭ «سىمۋولى» دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ئىسلاھاتنىڭ «بىرىنچى قەدىمى» قىلدى. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە تۈركۈمدە 632 مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى.

  نۆۋەتتە، 60 نەچچە تارماقتا 1000دىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى بار. قانداق قىلغاندا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەريانىنى ياخشىلاپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتكىلى، تارماقلاردا ساقلاپ قېلىنغان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى قېلىپلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟

  يېڭى بېيجىڭ گېزىتى مۇخبىرى يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، قاتناش مىنىستىرلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلغاندا بايقىشىچە، بەزىلىرى «يول خېتى»نى ھەقىقەتەن بىكار قىلغان، بەزىلىرى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە «ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈش»نى يولغا قويغان، بەزىلىرى مەمۇرىي مۇلازىمەت زالى تەسىس قىلغان.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنىڭ قېلىپلىشىشى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەت قىلىشىغا موھتاج ئىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر