باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قەبرىستانلىق — گېرمانىيىلىكلەرنىڭ قەلب ئۆتىڭى (7)

2014.10.10 09:15   مەنبە: خەلق تورى

قەبرىستانلىق — گېرمانىيىلىكلەرنىڭ قەلب ئۆتىڭى (7)

  كەسپىي خادىملارنى ياللاپ ئىشلىتىشكە بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا ئۆزلىرى قەبرە بېشىغا چىقىپ گۈللەرنى سۇغىرىش، ھاشارەتلەرنى يوقىتىش، ئوغۇت بېرىش، شاخلارنى پۇتاش ۋە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە غازاڭلارنى تازىلاش ياكى ھېيت-بايراملاردا قىزىل شام يېقىش ئىشلىرىنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ چىقىمدىن قېچىپ ئەمەس بەلكى قەبرىستانلىقنى چېركاۋغا ئوخشاش « مەنىۋى باغچا» دەپ قارايدۇ. 66 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان ئىنژېنېر ئوس ھەر ھەپتىسى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئايالىنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدۇ. ھەر قېتىمدا رەپىقىسىنى چوڭقۇر سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ مەنىۋى كۈچكە ئېرىشكەندەك بولۇپ قالىدۇ. يەنە بەزىلەر يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ دەردىنى تۆكىدۇ، تۆۋبە قىلىدۇ ۋە ياكى خۇشخەۋەر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ روھى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىشىدۇ .

  قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقى، ياپيېشىل، تىنچ، ئازادە مۇھىتقا ئىگە قەبرىستانلىق گىرمانىيەلىكلەرنىڭ «قەلب باغچىسى». بۇ يەردە پانىي ئالەم بىلەن باقىي ئالەمنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان پەرقى يوق، ھايات بىلەن ئۆلۈم ناھايىتى گۈزەل بىر تۈستە بىرلىشىپ كەتكەن. يەر ئاستىدا خاتىرجەملىكتە يېتىۋاتقانلار بىلەن ئۈنسىز دۇئا قىلغۇچى، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئابىدە سۆزىنى ئوقۇغۇچى، قەبرىستانلىق سەنئىتىدىن ھۇزۇر ئالغۇچى، چېنىققۇچى، قىزغىن مۇھەببەتلەشكۈچىلەرگە قوشۇلۇپ ئىللىق نۇرىنى چېچىۋاتقان قۇياش، كۆپكۆك ئاسمان، ساپ ھاۋا، گۈل-گىياھلارنىڭ خۇشپۇرىقى، ياۋا كەپتەرنىڭ ئۈنلەشلىرى بىرلىشىپ گېرمانىيە قەبرىستانلىقىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.بىبىنۇر ئوسمان تەرجىمىسى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز