خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، ئالىمجان ھامۇتلار خەۋرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھيەلىك خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىيەتسىز قۇرۇلۇش ماتېرىيالىرى ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇتلارنى مەجبۇرىي توختىتىپ، مۇھىت ئاسىراش ئىدارىسنىڭ باشچىلىقىدا ناھيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت باج ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 22-ئاۋغۇستىن 28-ئاۋغۇستقىچە رەسمىيەتسىز قىزىل خىش ئىشلەش زاۋۇتى، قۇم-شېغىل زاۋۇتى قاتارلىق 18زاۋۇتنىڭ توكىنى مەجبۇرىي توختاتتى ھەمدە بېجىرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى تۇلۇق بېجىرىشكە بۇيرۇدى.
سۈرەتتە: تەكشۈرۈش گۇرۇپىسى رەسمىيەتسىز زاۋۇتلارنى تەكشۈرمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى