25-ئاۋغۇست فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، پارىژنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەندى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى خوللاند پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. 1944-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا پارىژدا تۇرۇشلۇق گېرمانىيە ئارمىيەسى تەسلىم بولغان، شۇنىڭ بىلەن پارىژ ئازاد بولغان.