فىرانسىيە ئاگېنتلىقى 25-ئاۋغۇست خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 23-ئاۋغۇست، شىمالىي ئافرىقىلىق 200 قانۇنسىز كۆچمەن ئولتۇرغان بىر كېمە لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن، 25-ئاۋغۇست، قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن قىرغاققا چىقىپ قالغان.
لىۋىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئايۇب كاسسىمنىڭ 23-ئاۋغۇست بىلدۈرۈشىچە، تەخمىنەن 200 قانۇنسىز كۆچمەن ئولتۇرغان بىر كېمە لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن.لىۋىيە دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى 17 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغان. ئىگىلىنىشىچە ، بۇ كېمىدىكى كۆچمەنلەر ساخارانىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ كېمە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ئىتالىيەگە بارماقچى بولغان.