14-ئىيۇل ، تۇرپان شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃45 قا چىقىپ ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر كۈن بولدى . مۇخبىر ئەتىگەن سائەت 8:00 لەردە تۇرپان شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش-مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى ئاياللار ئوتتۇرا ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ كېلىپ ، ئەترەتتىكى قىزلارنىڭ مەيداندا مەشق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى . بىر يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ، مەشق ئاياغلىشىپ ، ئەترەتتىكى 13 ئايال ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ، يېرىمى چارلاش-مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ، يېرىمى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئاتلاندى .
℃38 ، ℃40، ℃42 ... ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، تېمپېراتۇرا بارغانسېرى ئۆرلەشكە باشلىدى ، قۇياشنىڭ كۈچلۈك تەپتىدە چىپ-چىپ تەرلەپ ئارامسىزلىنىۋاتقان مۇخبىرنىڭ ئىككى پۇتى قوغۇشۇن قۇيۇۋەتكەندەك ئېغىرلاپ ، ناھايىتى تەستە قەدەم ئېلىۋاتاتتى . قەددىنى تىك تۇتۇپ ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كېتىۋاتقان قىزلار خەلق مەيدانىغا كەلگەندە ، سېرىق چاچ ، كۆك كۆزلۈك بىر ساياھەتچى خەرىتىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ، يول سورىدى ، ئەترەت ئەزاسى رابىگۈل مۇھەممەد راۋان ئېنگىلىز تىلىدا ئۇنىڭغا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى . سائەت 12:30 دا ، تېمپېراتۇرا ℃45 قا چىقتى ! ئەزالار پىيادە چارلاش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئەترەتكە قايتتى ، 20 مىنۇتتىن كېيىن ، ئۇلار موتوسىكلىتلىق چارلاشقا چىقتى . گۈرۈلدىگەن ئاۋازلار بىلەن تەڭ ، 13 دانە ساقچى موتوسىكلىتى ئىككى سەپ بويىچە رەتلىك تىزىلىپ ، ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ، چوڭ-كىچىك كوچىلارنى چارلاشقا باشلىدى ، ئۇچىسىغا ساقچى فورمىسى ، بېشىغا بېرىت كىيىپ ، موتوسىكلىت مىنىپ كېتىۋاتقان ساقچى قىزلار شەھەردىكى ئۆزگىچە بىر مەنزىرىگە ئايلىنىپ ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . سائەت 13:50 دە ، چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغان قىزلار يانفونىدا شوخ ئۇيغۇرچە ناخشىنى قويۇپ ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھاردۇقىنى چىقاردى . قىسقىغىنا چۈشلۈك دەم ئېلىش ئاياغلاشتى ، قىزلار يەنە ‹‹ ئالۋاستى مەشقى ›› نى باشلىۋەتتى . ئەترەت ئەزاسى گۈلپىيە كۈرەش مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ خورمارەڭ تېرىسىنىڭ مۇشۇنداق مەشقلەردىن ‹‹تاۋلىنىپ ›› چىققانلىقىنى ئېيتتى . سائەت 17:00 دە ، قىزلار ئاپتوموبىل تەكشۈرۈشكە چىقتى . ئۇلار كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا توختاش ئىشارىتى بېرىپ ، شوپۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلىرىنى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئېچىپ ، تەكشۈرۈشنى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ باردى .
سائەت 21:30 بولدى ، گۇگۇم چۈشتى ، ئاياللار ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى بۇ قىزلارنىڭ خىزمىتى تېخىچە داۋاملاشماقتا ئىدى .
ئاياللار ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى جۈەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، تۇرپان شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ساياھەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى ئۈچۈن ، چارلاش ۋەزىپىسى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ، بۇ يىل مارتنىڭ باشلىرىدا تۇنجى تارماق ئاياللار چارلاش ئوتتۇرا ئەترىتىنى قۇرغان . بۇ ئەترەتتىكى 13 ئەزانىڭ 12 سى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولۇپ، ئاساسەن 24 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەن . ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ياكى ساقچى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بۇ قىزلار تومۇز ئىسسىقتا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئادا قىلىۋېتىپتۇ .
بىر يىل ئىچىدىكى تۆت ئايدا بۇ يەردە يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ℃ 50 ئەتراپىدا بولىدۇ ، بۇ ‹‹ ئوت يۇرتى ›› ، بۇ ‹‹ئاتەش ماكان ››. ئاياللار ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى بۇ جەسۇر قىزلار بولسا مانا بۇ ‹‹ ئاتەش ماكان ››دا مەردانە ھالدا بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىۋاتقان خۇش پۇراق ئەتىرگۈللەردۇر .