سابىق زۇڭلى ۋېن جياباۋ يېقىندا 3-قېتىم خېبېي ئۆلكىسى ليۇداۋخې ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن جۇغراپىيە ھەققىدە پاراڭلىشىش ›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى
خېبېي ئۆلكىسى شىڭلوڭ ناھىيەلىك ليۇداۋخې ئوتتۇرا مەكتىپى تور بېكىتىنىڭ 29-مايدىكى ئالاقىدار ماقالىلىرىگە قارىغاندا ، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يېقىندا 3-قېتىم خېبېي ئۆلكىسى ليۇداۋخې ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن جۇغراپىيە ھەققىدە پاراڭلىشىش ›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن . ۋېن جياباۋ لېكسىيەنى باشلاشتىن بۇرۇن مۇنداق دېگەن : بۈگۈن مەن 90 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ بالىلارغا دەرس سۆزلىمەكچىمەن ، بۈگۈن ئارزۇيۇمغا يەتتىم .
ليۇداۋخې ئوتتۇرا مەكتىپى تاغلىق رايونغا جايلاشقان يېزا ياتاقلىق تۈزۈمدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ ، بېيجىڭ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 120 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ .