غازى ئەھمەد، ئۇيغۇر، ئاتاقلىق رەسسام، سەنئەت مائارىپچىسى، 1935 - يىلى قەشقەر شەھرىدە مەشھۇر دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1951 - يىلدىن 1954 - يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1957 - يىلى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ( ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ) نىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان .
ئىلگىرى، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى؛ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى؛ جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى؛ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 4-،5 -،6-،7-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى؛ 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان.
ھازىر جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى رەئىسى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرى باشلىقى؛ شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى؛ شىنجاڭ جۇڭگوچە رەسساملار يۇرتىنىڭ پەخرى باشلىقى ؛ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېىسسورى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېىسسورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. 1988- يىلى گوۋۇيۈەن كادىرلار مىنىستېرلىكى تەرىپىدىن بېرىلگەن «دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1991- يىلدىن باشلاپ «گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە ئىستېپندىيىسى» دىن بەھرىمەن بولماقتا. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات - سەنئىتى «ئالاھىدە تۆھپە» مۇكاپاتىغا نائىل بولدى.
غازى ئەھمەد كۆپلىگەن ماي بوياق، جۇڭگوچە رەسىم ۋە تام رەسىملىرىنى ئىجاد قىلدى. ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە تاللاندى ھەمدە چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. بۇندىن باشقا چاتما رەسىم، ھەيكەل، ياغاچ ئويما رەسىم ۋە ئەرەبچە خەتتاتلىق قاتارلىق ژانىرلىرىدىمۇ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ، پارىژ، ئەنقەرە ، ئىستانبۇل، تېھران قاتارلىق شەھەرلەردە شەخسىي كۆرگەزمىسىنى ئېچىپ، يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.
غازى ئەھمەدنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئاللىبۇرۇن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ روھى ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.