ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى: يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرى، فېۋرال ئېيىنىڭ باشلىرى پارنىكچى دېھقانلارنىڭ ئالدىراش مەزگىلى، كۇچا ناھىيەسىدىكى پارنىكچى دېھقانلار چاغان مەزگىلىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن مۇچ، پەمىدۇر، تەرخەمەك قاتارلىق مايسىلارنى سېتىۋىلىش، پارنىكلارغا كۆچۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىگىلىنىشچە، كۇچا ناھىيەسىدىكى پارنىكچى دېھقانلار 6- فېۋرالغا قەدەر 900دىن ئارتۇق پارنىكتىكى 1260مو يەرگە تۈرلۈك ئەلا سورتلۇق كۆكتات مايسىسى كۆچۈرگەن.
سۈرەتتە: 6- فېۋرال بېھشىباغ يېزا چىنباغ كەنتىدىكى دېھقان پاتەم مەھەممەد پارنىكىدا پەمىدۇر مايسىسى كۆچۈرمەكتە.