خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئۆكتەبىر سەھەر، «فېيت»ناملىق تەيفېڭ بورىنى فۇجيەننىڭ دېڭىز بويىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. بۇنىڭ تەسىرىدە جېجياڭ چىڭتيەن ناھىيەسىدە ئىزچىل قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كەلدى. 10-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن11دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە چىڭتيەن ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى نەچچە ئون كىشىنىڭ كەلكۈن سەۋەبىدىن شىمېن ئوتتۇرا مەكتىپىدە قاپسىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالدى.
ھازىر قاپسىلىپ قالغان ھەممە ئادەم قۇتقۇزۇلۇپ، مەخسۇس ماشىنا بىلەن ئۆيىگە بىخەتەر قايتۇرۇلدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر