خەلق تورىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، نىڭتوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى ياڭجۇ بۆلىكىدە قاتناش ئېغىر توسۇلۇپ قالدى، بىر بالا ماشىنا دەرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ، قاراپ، ھەيرانلىقتا «ئۆيگە قاچان بارارمىز؟» دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ساياھەتتىن قايتىش يۇقىرى دولقۇنى ۋە «فېيت» ناملىق تەيفېڭ بورىنى تەسىرىدىن جياڭسۇنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يامغۇر يېغىپ، جياڭسۇدىكى نۇرغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ئوخشىمىغان دەرىجىدە توسۇلۇپ قالدى. «1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئارقا-ئارقىدىن ساياھەتتىن قايتىش يۇقىرى دولقۇنىغا يۈزلەندى.
ئېگىلىنىشىچە، ساياھەتتىن قايتىش يۇقىرى دولقۇنى ۋە ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ج خ قاتناش تارماقلىرى 227مىڭ ئادەم-قېتىم ساقچى كۈچى، 76 مىڭ قېتىم ساقچى ماشىنىسى ئاجراتتى. شۇ كۈنى سائەت 17 گىچە ج خ تارمىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى5 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن قاتناش ۋەقەسىگە دائىر مەلۇمات تاپشۇرۇۋالمىدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر