خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئاتلانتادا ئىككى ياشلىق قىز خەۋېن كىڭنىڭ ئانىسى تياننې كىڭ بىلەن ئوينىغان ئۇسۇلىنىڭ ۋېدىئوسى تور دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان. نۆۋەتتە بۇ سىننىڭ چېكىلىش قېتىم سانى 284 مىڭغا يەتكەن شۇنداقلا مىڭدىن ئارتۇق كۆرگۈچىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.