خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قانچە كۈندىن بۇيانقى ئۇدا قاتتىق يامغۇر سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى جايلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلدى.
9-ئىيۇل چۇشتىن بۇرۇن 11 يېرىم ئەتراپىدا، سىچۈەن جياڭيوۋ چىڭليەن بازىرىدىكى بىر يەر تەۋرەشتىن كېيىن مۇستەھكەملەنگەن تاش كۆۋرۈكنى كەلكۈن بۇزۇۋەتتى. 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلار شۇ ھامان كۆۋەجەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا چۈشۈپ كەتتى. نۆۋەتتە جىنياڭدىڭى ھەرقايسى تارماقلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارماقتا.
مەنبە: خەلق تورى