باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

سېستىرا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پۇتىغا « مەن بىر دۆۋە گەندە » دەپ يېزىلغان قەغەزچىنى چاپلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلدى

2013.07.09 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  سېستىرا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پۇتىغا مەينەت گەپ يېزىلغان قەغەز چاپلاپ قويدى


  خەلق تورىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئىيۇل، يۆياڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ گاۋ شېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : ياش سېستىرا خۇاڭ x ، تاۋ x لەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پۇتىغا « مېنى تۇتما، مەن بىر دۆۋە گەندە » دېگەن ھاقارەت قىلىنغان خەت يېزىلغان قەغەزچىنى چاپلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇرخانىمىز ئۇلارنى رەسمىي ئىشتىن بوشاتتى.

  6-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر، يۆياڭ شەھەر ئاھالىسى تاڭ خانىم شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىدى. ئەتىسى سائەت 16 ئەتراپىدا بوۋاق توختىماي يىغلاشقا باشلىدى، تارتىشىش، قۇسۇش، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مېڭە ئىچى قاناش، ئارخىنوئىد تۆۋەنكى بوشلۇقى قاناش دەپ دېئاگنوز قويۇلدى. بوۋاقنىڭ دادىسى جوۋ ئەپەندى سېستىرا ئۇنىڭغا بىر ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بالىنىڭ كېسىلى قوزغالدى، دېدى. لېكىن سېستىرا بالىغا ئوكۇل ئۇرغانلىقىنى ئېتراپ قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا زىددىيەت ۋە جېدەل چىقتى.

  7-ئاينىڭ 4- كۈنى 12دە، تاڭ خانىم ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ 8-بىناسىدىكى كېسەلخانىدا ياتقان بالىسىنى كۆرگىلى بارغان. ئۇ بىر قەغەزنىڭ پلاستېر بىلەن بوۋاقنىڭ يۈزىگە چاپلاپ قويۇلغانلىقىنى، قەغەزگە « مېنى تۇتما، مەن بىر دۆۋە گەندە » دەپ يېزىلغانلىقىنى بايقىدى.

  ھاقارەت قىلىنغان بۇ خەتنى كىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا چاپلاپ قويدى؟ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى شۈ گاۋشېڭ تاڭ خانىمنىڭ گېپىنى ئېتراپ قىلمىدى. ئۇ مۇخبىرغا، يېڭى كەلگەن ئىككى سېستىرا كېسەلخانىدا بىر-بىرىنىڭ يۈزىگە قەغەز چاپلاپ چاقچاق قىلىشقانلىقىنى، بالىنى كۆتۈرگەندە قەغەز ئېھتىياتسىزلىقتىن بالىنىڭ يۈزىگە چاپلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ( شۈ ياپىڭ )

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە